خۇاۋېي ئاڭلىق تۇرمۇشى ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى

يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى

1 بىز ھەققىدە

«خۇاۋېي ئاڭلىق تۇرمۇشى» ئەپى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا، ئىقتىدارلارنى (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بۇ مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ) خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) يۈرگۈزىدۇ. بۇ كېلىشىمدىكى «سىز» ۋە «ئىشلەتكۈچى» بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە/ياكى زىيارەت قىلغان ھەرقانداق شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

2 كېلىشىمنىڭ مەقسىتى

بۇ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى ۋە خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتكە قارىتا ئېلان قىلغان باشقا مۇلازىمەت شەرتلىرى، بەلگىلىمە ياكى ئەسكەرتمىلەر (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بۇ كېلىشىم» دېيىلىدۇ) مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ۋە زىيارەت قىلىشىڭىزغا تەمىنلىشىمىزدە ئاساس قىلىنىدىغان شەرتلەردۇر. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق خۇاۋېينى، خۇاۋېينىڭ سىزگە بۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەش ئۇسۇلى، بۇ مۇلازىمەت ياكى بۇ مۇلازىمەت يول قويىدىغان ۋە چەكلەيدىغان پائالىيەتلەر، مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشىنىسىز. بۇ كېلىشىمنى، بولۇپمۇ جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى چەكلەش، قانۇننى تەتبىقلاش ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ماددىلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان، توملىتىپ ئەسكەرتىلگەن مۇھىم مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئوقۇڭ.

بەت ئەسكەرتمىسى بويىچە بۇ كېلىشىمگە ياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشكە قوشۇلسىڭىز، خۇاۋېي بىلەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە توختام ھاسىل قىلغان دەپ قارىلىسىز، خۇاۋېي بۇ كېلىشىم بويىچە مۇناسىپ توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەڭ.

بۇ كېلىشىمگە ھەرقانداق گۇمانىڭىز بولسا، «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابتىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

3 بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش تەلىپى

شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەككى، سىز يېتەرلىك قانۇنىي ھوقۇق ھازىرلاش ياكى ئىجازەت بېرىش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنى ئىمزالايسىز ۋە ئىجرا قىلىسىز؛ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاش ۋە ئىجرا قىلىش سىز ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق باشقا كېلىشىم، ئورۇنلاشتۇرۇشقا توقۇنۇش ياكى خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن (ئون سەككىز ياشقا توشمىغان) بالا بولسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ كېلىشىمنى ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشەنگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىزنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەڭ. بولۇپمۇ، ئەگەر سىز بالا (ئون تۆت ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن) بولسىڭىز، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بىلەن بىللە بۇ كېلىشىم ۋە بىز مەخسۇس تۈزگەن «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى»("https://legal.cloud.huawei.com/legal/child/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug-cn") نى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىز ھەمدە ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن ياكى ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانا ياكى باشقا ھامىيلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تور، يانفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە سىزنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە ماسلىشىشچان بىر ياكى بىرقانچە تېرمىنال ئۈسكۈنىڭىز بولۇشى ھەمدە سىمسىز كۆچمە ئېقىم مۇلازىمىتىگە ئۇلىنىشى كېرەك.

4 بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش

خۇاۋېي بۇ كېلىشىم بويىچە سىزگە بۇ مۇلازىمەتنىڭ چەكلىك، مەخسۇس بولمىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغان، ئەمما قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتىنى بېرىدۇ.

مۇلازىمەتنى كۆرۈشتە خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملىتىش/كىرىشىڭىز ھاجەتسىز. بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا كەسىپ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملاش/كىرىشىڭىز كېرەك. ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى توردا ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، خۇاۋېي ھېسابىنىڭ تىزىملاش/كىرىش بېتىدىكى ئەسكەرتمە بويىچە كىملىك ئۇچۇرىڭىزنى توغرا ۋە تولۇق تەمىنلەپ بېرىشىڭىز كېرەك. سىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىڭىز بارلىقىنى چۈشىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇڭ. خۇاۋېي ھېسابىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى خۇاۋېي ھېسابىنى ئېچىپ، «تەڭشەك» > «ھەققىدە» > «خۇاۋېي ھېسابى ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى» گە كىرىپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

5 بۇ مۇلازىمەت

بۇ مۇلازىمەت خۇاۋېي ئىستېمالچىلارغا تەمىنلەيدىغان، ئاڭلىق ئۆي ياردەمچى مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان بىر خىل ئىنتېرنېت تورى ئەپىدۇر. بۇ مۇلازىمەت ئاساسىي ئىقتىدار مۇلازىمىتى ۋە تولۇق ئىقتىدار مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنى تەمىنلەيدۇ. تولۇق ئىقتىدار مۇلازىمىتى ھالىتىدە، تۆۋەندىكى بارلىق مۇلازىمەت ۋە ئىقتىدارلارنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. ئاساسىي ئىقتىدار مۇلازىمىتى ھالىتىدە پەقەت ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى يەرلىكتە باشقۇرۇش (روتېر دېگەندەك) ئاساسىي ئىقتىدارىنىلا ئىشلىتەلەيسىز. تولۇق مۇلازىمەت ھالىتىدە، «مەن» > «تەڭشەك» > «مۇلازىمەت تەڭشەكلىرى» گە كىرىپ مۇلازىمەت ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيسىز. ئاساسىي مۇلازىمەت ھالىتىدە، سول تەرەپ ئۈستىدىكى «∷» > «مۇلازىمەت تەڭشەكلىرى» گە كىرىپ مۇلازىمەت ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

بۇ مۇلازىمەت تۆۋەندىكى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5.1 ھېساباتقا كىرىش

«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىدە ئۈسكۈنە باشقۇرغاندا ھېساباتقا تىزىملاپ كىرىپ كىملىك دەلىللىشىڭىز كېرەك.

5.2 ئاڭلىق ئۈسكۈنە باشقۇرۇش ئاساسىي مۇلازىمىتى، بۇلۇت مۇلازىمىتى

«ئاڭلىق ئۈسكۈنە باشقۇرۇش ئاساسىي مۇلازىمىتى، بۇلۇت مۇلازىمىتى» سىزگە ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى بايقاش، باغلاش، كونتروللاش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ.

5.3 ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسى

ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسى ئىقتىدارى سىزگە ئاۋازلىق بۇيرۇق ئارقىلىق ئۈسكۈنە كونتروللاش، ھاۋارايى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۈسكۈنە قويۇش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش دېگەندەك ئاڭلىق ئاۋاز ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلىدى.

5.4 ياردەم ۋە تەكلىپ

«ئاڭلىق تۇرمۇش» سىزگە توردا مەسىلە ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدۇ، مۇلازىمەت ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلە ۋە تەكلىپلىرىڭىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە يوللىيالايسىز.

5.5 ئۇيۇل دېتال يېڭىلاش

بىز تەمىنلىگەن «ئۇيۇل دېتال يېڭىلاش» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاڭلىق ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالىنىڭ نەشرىنى تەكشۈرىسىز ۋە يېڭىلايسىز.

5.6 ئەپ يېڭىلاش

يېڭىلانما تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەپ يېڭىلانمىسىنى تەكشۈرۈش ۋە يېڭىلاشقا بولىدۇ.

5.7 كۆرۈنۈش، ئائىلە باشقۇرۇش ۋە ئورتاق ئۈسكۈنە

«كۆرۈنۈش» ئىقتىدارى ئارقىلىق كۆرۈنۈش ئۆزلەشتۈرۈش، ئېھتىياجغا ماس كۆرۈنۈش قۇرۇش ياكى تەۋسىيەلىك باغلانما كۆرۈنۈشلەرنى يۈرگۈزۈشكە بولىدۇ.

«ئائىلە باشقۇرۇش» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئائىلە گۇرۇپپىسى، ئائىلە ئەزاسى ۋە ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرىسىز.

«ئورتاق ئۈسكۈنە» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۈسكۈنىڭىزنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

5.8 بازار

«ئاڭلىق تۇرمۇش» تا خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن «بازار» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات خەۋەرلىرى، ئامما سىناش مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلات سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

5.9 مۇنبەر

«مۇنبەر» ئىقتىدارىدا خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى يۈرگۈزىدىغان «خۇاۋېيىم» مۇنبەر مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىنىدۇ. مۇنبەردە مەزمۇن كۆرەلەيسىز، ھېساباتقا تىزىملاپ كىرسىڭىز يازما ۋە ئىنكاس يازالايسىز.

5.10 ئاڭلىق سودا

«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمەتلىرى ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاڭلىق سودا ئىقتىدارىنى بىرىكتۈردۇق.

5.11 ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتىنى يۈرگۈزۈش

ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يوقلىما، چەك تارتىش ۋە مۇكاپاتلىق پۇرچاق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.

5.12 ئۆي ئۈسكۈنە مەلۇماتىنى زاپاسلاش

پۈتۈن ئۆي باش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەندە باش ئۈسكۈنە ۋە تارماق ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈلگەن كاشىلىنى تېز ئوڭشاش ياكى سەپلىمە ئۆزگەرتمەي ئۈسكۈنە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي ئۈسكۈنە مەلۇماتىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيمىز. كاشىلا كۆرۈلسە، ئەڭ يېقىنقى نورمال ئۈسكۈنە ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقى مەلۇماتلار ھەر كۈنى بىر قېتىم بۇلۇتقا زاپاسلىنىدۇ، زاپاسلانمىنى بۇلۇتتا مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.

5.13 شىكايەت ۋە پاش قىلىش

بايقاش قانىلىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، «ئاپتورنىڭ ھېسابات بېتى»، «تېما بېتى» ۋە «پائالىيەت بېتى» دىن «∷» > «شىكايەت ۋە پاش قىلىش» نى چېكىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ؛ سىز يەنە «سىن بېتى»، «ماقالە بېتى» دىن ئورتاقلىشىش كۇنۇپكىسى > «پاش قىلىش» نى چېكىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ. شىكايەت ۋە پاش قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، سىز تاپشۇرغان پاش قىلىش مەزمۇنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى (تورخەت ۋە يانفون نومۇرى)، پاش قىلىش ماتېرىيالى (خەت، رەسىم ۋە سىن ئۇچۇرى) نى توپلاپ، شىكايەت ۋە پاش قىلىش تەلىپىڭىزنى تاپشۇرۇۋالىمىز ۋە بىر تەرەپ قىلىمىز. سىز شىكايەت ۋە پاش قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، تەلىپىڭىز ۋە ئىنكاس بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.

5.14 بايقاش قانىلى

«ئاڭلىق تۇرمۇش» قا بىر گەۋدىلەشكەن قانال بايقاش ئىقتىدارى ئارقىلىق پائالىيەتكە تىزىملىتىش، كەسىپ ئىزدەش، دۇكان ئورۇنلاشتۇرۇش، قوللىغان ۋە يىغقان رەسىم ۋە سىنلارنى تېز كۆرۈش مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇش، رايسىناش، ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانى، خاسلاشتۇرما تەۋسىيە ۋە مەزمۇن خەۋپىنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلەيمىز.

بۇ مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى خۇاۋېي «ھازىرقى ھالىتى» ۋە «نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقى» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇڭ. خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنىڭ شەكلى ۋە كونكرېت مەزمۇنىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق، شۇنداقلا خۇاۋېينىڭ بىر قىسىم ياكى بارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزگەرتىش، توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقى بار.

6 سېتىۋېلىش

سىز خۇاۋېينىڭ بەزى ئالاھىدە مۇلازىمەتكە ھەق ئېلىش ياكى مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى كەسپىي تىجارەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلىڭ ۋە ئۇلارغا قوشۇلۇڭ. ئەگەر ئىناۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا ئىشلەتكۈچىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولسا، خۇاۋېي مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزگە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. يېڭى ھەق ياكى ھوقۇق-مەنپەئەت قائىدىسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، سىز ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى باھانى قوبۇل قىلسىڭىز ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلىتەلەيسىز. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ھەق ياكى قائىدىگە قوشۇلمىسىڭىز، مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.

7 ھېسابات بىخەتەرلىكى

خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ئىشلەتكۈچى نامى، مەخپىي نومۇرى، ئەپ ئىچىدىكى سېتىۋېلىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھېسابات ۋە مۇئامىلە ئۇچۇرى» دېيىلىدۇ) نى ياخشى ساقلاڭ، بۇ ئۇچۇرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولمايدۇ. بىخەتەرلىكى يۇقىرى مەخپىي نومۇر تاللاش ۋە ئۇنى ياخشى ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەخپىي نومۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. ئەگەر ھېسابات ۋە مۇئامىلە ئۇچۇرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلەپ بەرسىڭىز، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

ئەگەر باشقىلار ھېسابات ۋە مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىسىڭىز، «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابتىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق دەرھال بىزگە خەۋەر قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ مۇلازىمەتنى باشقىلارنىڭ خۇاۋېي ھېسابى ئارقىلىق ئىشلەتسىڭىز ياكى زىيارەت قىلسىڭىز بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز. مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ھېسابات ۋە مۇئامىلە ئۇچۇرىڭىزنى قوغداپ، يۇقىرىقى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىجازەتسىز ئىشلىتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

8 ئىشلىتىش قائىدىسى

بۇ مۇلازىمەتنى قانۇنلۇق ۋە ئەخلاقلىق ھالدا بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە ۋەدە بېرىڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇڭ.

بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ھەرقانداق مەزمۇننى يوللاشقا ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بولمايدۇ:

(a) تۆۋەندىكىدەك قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەردە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى يۈكلەش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، يوللاش، تورخەتتە ئەۋەتىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا تەمىنلەش:

i. ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن نېگىزلىك پىرىنسىپقا خىلاپ قىلمىشلار؛

ii. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى؛

iii. دۆلەتنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار؛

iv. مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلار؛

v. دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەتچىلىك ۋە فېئودال خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان قىلمىشلار؛

vi. پىتنە ئىغۋا تارقىتىش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى؛

vii. شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلارنى تارقىتىش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش قىلمىشلىرى؛

viii. باشقىلارنى ھاقارەتلەش ياكى تۆھمەت چاپلاش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى؛

ix. ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى مىللەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار؛

x. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ پاتېنت ھوقۇقى، نەشر ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى ياكى باشقا ھەرقانداق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلار؛

xi. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلار.

(b) باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش؛

(c) قورال-ياراق، زەھەر، چەكلەنگەن دورا ياكى باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئېلىپ سېتىش دېگەندەك ھەرقانداق قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(d) پۇل يۇيۇش، قانۇنسىز نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتنى پىلانلاش ياكى ئېلىپ بېرىش؛

(e) بۇ مۇلازىمەت ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇقتۇرۇشنى ئۆچۈرۈش؛

(f) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرۈش ھەم ئۆزگەرتىش، بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى باشقا ئەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ياكى باشقا ئەپنى قوشۇپ قويۇش؛

(g) بۇ مۇلازىمەت ياكى مۇناسىۋەتلىك سىستېما ياكى توردىكى ھەرقانداق قىسمىنى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا زىيارەت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئۇرۇنۇش ياكى زىيان سېلىش؛

(h) بۇ مۇلازىمەتنى ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق قىسمىنى پارچىلاش، كودىنى يېشىش ياكى تەتۈر يۆنىلىشلىك ئېچىش ۋە ياكى بۇ مۇلازىمەت ۋە ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكى ئاساسىدا تۇغۇندى مەھسۇلات ياساش، قانۇن مەنئى قىلغان شۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مۇددىئاسى بولۇش؛

(i) بۇ مۇلازىمەتنى تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش، ئىجارە بېرىش، سېتىش، ئېلىپ-سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئاشكارا نامايان قىلىش، ئاشكارا نومۇر كۆرسىتىش، يوللاش، قويۇش، تارقىتىش ۋە باشقا شەكىللەردە ئىشلىتىش؛

(j) خۇاۋېينىڭ ئالدىن يازمىچە ئىجازىتىنى ئالماي، بۇ مۇلازىمەتنىڭ پۈتكۈل ياكى قىسمەن مەزمۇنى (نىشان بۇيۇم ۋە ئەسلى كودنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى يوللاش ياكى باشقا ھەرقانداق شەكىلدە باشقىلارغا تەمىنلەش؛

(k) باشقىلارنىڭ نامىدا، يالغان ئاتاق ياكى باشقا شەكىلدە ئۆزىڭىز بىلەن مەلۇم بىرىنىڭ ياكى مەلۇم ئەمەلىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىش؛

(l) قانۇنسىز مەقسەتتە، ياكى ھەرقانداق قانۇنسىز شەكىل ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا بۇ مۇلازىمەتنى (ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىنى) ئىشلىتىش، ياكى ھەرقانداق ئالدامچىلىق ياكى باشقا يامان غەرەزدە بولۇش قىلمىشى، بۇ مۇلازىمەتكە (ياكى بۇ مۇلازىمەتنىڭ تور ئادرېسىغا) ياكى ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ۋىرۇس ياكى زىيانلىق ئۇچۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان غەرەزلىك كود قىستۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛

(m) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلغان ۋە/ياكى ئىشلەتكەندە خۇاۋېي ياكى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش؛

(n) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش ياكى ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ياكى خۇاۋېي سىستېمىسىنى زىيارەت قىلىش ياكى يېشىش ئارقىلىق، بۇ مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان مۇلازىمىتېرغا ھەرقانداق مەزمۇننى كىرگۈزۈش ياكى مەزمۇنغا ئېرىشىش؛

(o) ئەپ، ئۈسكۈنە، يېزىم ئېچىش، قوللاش، ئىشلىتىش ياكى ھەرقانداق باشقا ۋاسىتە، جەريان (ئۆمىلىگۈچى قۇرت دېتالى، تور كۆرگۈچ قىستۇرمىسى ياكى باشقا ھەرقانداق تېخنىكا ياكى سۈنئىي مەشغۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ياكى باشقا يوللار بىلەن بۇ مۇلازىمەتتىن ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرى ھەمدە باشقا مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈش؛

(p) ئالدىن خۇاۋېينىڭ يازمىچە ئىجازىتىنى ئالماي بۇ مۇلازىمەتنى سودا يوللىرىغا ئىشلىتىش؛

(q) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ ھەربىي قورال-ياراغ، زەھەرلىك بۇيۇم، قانۇنسىز بۇيۇم، ئوغرى نەشردىكى يۇمشاق دېتال ۋە باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىش دېگەندەك قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(r) قىمار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن باشقىلارنى قىمارغا قىزىقتۇرۇش؛

(s) باشقىلارنىڭ كىرىش ئۇچۇرىنى سوراش ياكى باشقىلارنىڭ ھېسابات نومۇرىدا كىرىش؛

(t) پۇل يۇيۇش، نەقلەشتۈرۈش ياكى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش؛

(u) بۇ كېلىشىمگە (ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر قىسمىغا) خىلاپلىق قىلىش، ياكى بۇ خىل قىلمىشلارغا ياردەم قىلىش ياكى كۈشكۈرتۈش؛ ياكى

(v) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە بۇ مۇلازىمەتنى، خۇاۋېي سىستېمىسىنى ياكى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، چەكلەش، ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى خەۋپ يەتكۈزۈش ۋە ياكى يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش، باشقا ئىشلەتكۈچى ياكى ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كاشىلا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ياكى بۇ مۇلازىمەت ياكى خۇاۋېينىڭ مەزمۇنى (ئېنىقلىمىسى تۆۋەندە) ياكى مەلۇماتىنى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش.

(w) دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى، سىياسەت-تەدبىرلىرىگە ۋە بۇيرۇقلىرىغا ھەمدە مەزكۇر كېلىشىمگە خىلاپ باشقا ھەرقانداق ھەرىكەتلەر.

9 خۇاۋېي مەزمۇنى

قانۇن-نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلىمە بولغان ياكى سىز خۇاۋېي بىلەن باشقىچە پۈتۈشكەندىن سىرت ئەھۋاللاردا، خۇاۋېي ۋە/ياكى خۇاۋېي بىرلەمچى ئىجازەت بەرگەن تەرەپنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە ئاساسەن ياكى بۇ مۇلازىمەتتىن ئېرىشكەن تېكىست، سىن ۋە ئاۋاز، رەسىم، سىنبەلگە، ئەپ، لايىھە، يۇمشاق دېتال، يېزىم، پىروگرامما، نەشر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى، سودا شوئارى، بەلگە ياكى باشقا ماتېرىيال، مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇر، شۇنداقلا ئالدىدا دېيىلگەن مەزمۇننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى تەسىراتى (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خۇاۋېي مەزمۇنى» دېيىلىدۇ) نىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ كېلىشىمدە ئايرىم بەلگىلەنگەندىن باشقا ئەھۋالدا، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشىڭىز ۋە/ياكى ئىشلىتىشىڭىز بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ.

ھەرقانداق ئۇسۇلدا خۇاۋېي مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش، ئايرىش، تەھرىرلەش ياكى قوشۇشقا بولمايدۇ ھەم خۇاۋېي مەزمۇنىنى سېتىش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق خۇاۋېي مەزمۇنىنى قايتا ئېلان قىلماقچى، ئايرىماقچى، كۆچۈرمەكچى، تارقاتماقچى ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم خۇاۋېي بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ يازما ئىجازەت ئېلىشىڭىز كېرەك، بۇ كېلىشىمدە ئېنىق چۈشەنچە بولغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ تەتبىقلىنىدىغان قانۇن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ كەسكىن بېكىتكەن ھەرقانداق ھوقۇقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ قىسمەن مەزمۇنى ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى، پاتېنت، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز ۋە ياكى بۇ مۇلازىمەتكە قارىتا گۇمانىڭىز بولسا، «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» بابىدىكى ئالاقە ئۇچۇرى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.

10 ئىشلەتكۈچى مەزمۇنى

«ئىشلەتكۈچىنىڭ مەزمۇنى» ئىشلەتكۈچى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ شەكىللەندۈرگەن ئۇچۇر، مەزمۇن ۋە ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن شەكىل، خەت، رەسىم، ئۈن، سىن، يۇمشاق دېتال، مەلۇمات ھۆججەت قاتارلىقلار. سىز چوقۇم سىز ياكى ھېساباتىڭىز نامىدا يۈكلەنگەن، چۈشۈرۈلگەن، ئېلان قىلىنغان، تورخەت ئارقىلىق يوللانغان، تارقىتىلغان، ساقلانغان ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىغا مۇستەقىل تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز. خۇاۋېي ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنى تىزگىنلىمىگەچكە ياكى ئۇچراشمىغاچقا، خۇاۋېي ھەرقانداق ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە مۇۋاپىقلىقىغا ھېچقانداق كاپالەتلىك قىلمايدۇ. بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنى ئىشلىتىشىڭىز سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خەۋپ-خەتەرنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزغا، چاكىنا، بىئارام قىلىدىغان، تېتىقسىز ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىغا نىسبەتەن خۇاۋېينىڭ ھەرقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلۇڭ.

11 مەخپىيەتلىك ۋە شەخسىي ئۇچۇر قوغداش

شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمىز. سىز بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە «خۇاۋېي ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات»("https://privacy.consumer.huawei.com/legal/smarthome/privacy-statement.htm?code=CN&branchid=3000&language=ug-cn") (تۆۋەندە «مەخپىيەتلىك باياناتى» دەيمىز) بويىچە مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ بىر تەرەپ قىلىمىز. شۇڭا مەخپىيەتلىك باياناتىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇسۇل، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇر تۈرى، ساقلاش مۇددىتى، ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇقى ۋە خۇاۋېينىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنىپ چىقىڭ.

بەزى ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەر سىز تۇرۇشلۇق مۇھىتتىكى باشقا ئەزالارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، شۇ خىل ئۈسكۈنىلەر بىر تەرەپ قىلغان باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى قاتارلىقلار، بۇ ئەھۋالدا شۇ ئىشلەتكۈچىلەردىن ئىجازەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ ياكى بۇ خىل ئۈسكۈنىلەرنى ئاممىۋىي سورۇنغا قويماڭ.

12 مەسئۇلىيەت باياناتى

بۇ مۇلازىمەت سىزگىلا تەمىنلەنگەن، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى ئىجازەت ئالماي ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق زىيانغا قارىتا خۇاۋېي ۋە خۇاۋېيغا مۇناسىۋەتلىك شىركەت، مەسئۇل خادىم، مۇدىر، ئىشچى، ھۆددىگەر، ۋاكالەتچى، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئىجازەت بەرگۈچى ۋە سودىگەرلەر (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خۇاۋېي تەرەپ» دېيىلىدۇ) ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلدىڭىز.

بۇ مۇلازىمەت ئىشلىتىلىش جەريانىدا تىزگىنلەشكە بولمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن نامەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈلۈپ قىلىشى، كېچىكىشى ياكى كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئالدىدا دېيىلگەن توختاپ قېلىش، كېچىكىش، توسالغۇغا ئۇچراش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تۆلەم تەلىپىگە خۇاۋېي تەرەپنىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلۇڭ.

سىز ياكى باشقىلار تۆۋەندىكى سەۋەبتىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالماسلىق ياكى ئىشلىتەلمەسلىكتىن ھەرقانداق زىيان كېلىپ چىقسا، خۇاۋېي تەرەپ تەتبىقلانغان قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(a) خۇاۋېي سىستېما ياكى يۇمشاق-قاتتىق دېتالنى ئاسراش ياكى نەشر ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك مۇلازىمەتنى ئۈزۈپ ياكى توختىتىپ قويسا؛

(b) خۇاۋېيغا قاراشلىق بولمىغان ياكى تىزگىنلىمىگەن سىستېما ياكى تور ئالاقىسى كېچىكسە ياكى كاشىلا كۆرۈلسە؛

(c) خۇاۋېي بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى توختام ياكى كېلىشىمنىڭ توختاپ قېلىشى، بىكار قىلىنىشى ياكى ئاخىرلىشىشى؛

(d) خاككېر ھۇجۇمى ياكى شۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك تەسىرى سەۋەبلىك خاتالىق كۆرۈلسە ياكى مۇلازىمەت توختاپ قالسا؛ ياكى

(e) خۇاۋېينىڭ مۇۋاپىق تىزگىنلەش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا سەۋەبلەر.

بۇ مۇلازىمەت «ھازىرقى ھالىتى» ۋە «نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقى» بىلەن تەمىنلىنىدۇ ھەم ھېچقانداق شەكىلدە كاپالەت ياكى ۋەدە بېرىلمەيدۇ. تەتبىقلانغان قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە، خۇاۋېي تەرەپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ھەرقانداق ئېنىق ياكى سۈكۈتتىكى كاپالەتنى، شەرتنى ياكى باشقا پۈتۈشۈمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ھەرقانداق كېپىل، ۋەدە، بايانات ياكى كاپالەتمۇ بەرمەيدۇ:

(a) بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇننىڭ مۇكەممەللىكى، توغرىلىقى، ئىشەنچلىكلىكى ياكى ۋاقتىدىلىقى؛

(b) بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇ يۈكلەنگەن مۇلازىمىتېردا نۇقسان، خاتالىق، ۋىرۇس، يوچۇق ياكى باشقا زىيانلىق ئامىللارنىڭ بار-يوقلۇقى؛

(c) بۇ مۇلازىمەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ياكى ئىقتىدار جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنىڭ تۈزىتىلىشى؛

(d) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك كاپالەت ياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندىكى ياكى زىيارەت قىلغاندىكى ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك ياكى توغرىلىقى؛

(e) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر توغرىلىقى؛ ۋە

(f) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك، توغرا، ئىشلەتكىلى بولۇشى ياكى ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇپ، بېكىتىلگەن ئالاھىدە نەتىجە پەيدا قىلالىشى ياكى بېكىتىلگەن ئالاھىدە نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى. بۇ مۇلازىمەتكە پۈتۈن ياكى قىسمەن تايىنىش، ئىشلىتىش، ئىزاھلاش ياكى سىز (ياكى باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن ئۇچۇر پەيدا قىلغان ھەرقانداق يوقىتىش، زىيانغا قارىتا خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى توختامدا بىر قىسىم كاپالەت، كېپىللىك ياكى مەسئۇلىيەتنى ساقىت قىلىش ياكى چەكلەشكە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ قانۇنلار سىزگە تەتبىقلانسا، يۇقىرىقى باياندا ساقىت قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمدىكى ھېچقانداق مەزمۇن سىزنىڭ ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېرىشكەن قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

13 تۆلەم

تۇرۇشلۇق ئەدلىيەلىك تەۋەلىكنىڭ قانۇنى يول قويىدىغان ئەڭ زور چەكتە، خۇاۋېي تەرەپنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇن سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تۆلەم تەلىپى شىكايەت ياكى ئەرزدە زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك:

(1) مەزمۇنىڭىز؛

(2) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشىڭىز؛

(3) بۇ كېلىشىم ياكى ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىجازەت كېلىشىمىنىڭ ھەرقانداق ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىشىڭىز؛

(4) ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ياكى ھەرقانداق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىڭىز؛

(5) ھەرقانداق كىشىنىڭ خۇاۋېي ھېسابىڭىز ئارقىلىق يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرگە خىلاپلىق قىلىشى.

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق تالاش-تارتىش، شىكايەت، ئەرزنىڭ مەسئۇلىيەت، زىيان، ھەق، دەۋا ھەققى ۋە ئادۋوكات ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇاۋېي تەرەپ ھەرقانداق مۇۋاپىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويسا، دەرھال ھەم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەملىشىپ ئاقلاشقا كاپالەت بېرىڭ ۋە قوشۇلۇڭ.

14 سىز ئاخىرلاشتۇرۇش

«ئاڭلىق تۇرمۇش» نى ئېچىپ، «مەن» > «تەڭشەك» > «ھەققىدە» گە كىرىپ، «مۇلازىمەت ئېتىش» نى چېكىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالالايسىز ھەمدە «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى توختىتالايسىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى كېيىنكى قېتىم ئىشلەتكەندە قايتا ئىجازەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

ھېساباتىڭىز ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھېساباتىڭىزدىكى خالىغان، ھەرقانداق ماتېرىيال، ھۆججەت ۋە ساقلانغان مەزمۇنلارنى خۇاۋېي دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۆچۈرەلەيدۇ، ئەمما بەزى قانۇنىي ۋە ئەمەلىي ئامىللار تۈپەيلىدىن، خۇاۋېي بۇ مەلۇماتلارنىڭ زاپاسلانغان كۆپەيتىلمىسىنى ئۆچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچۇر دېگەندەك سىز باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە يوللىغان مەزمۇنلارمۇ ئۆچۈرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

ھېساباتىڭىز ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاخىرلىشىش ۋاقتىدىن بۇرۇن (شۇ كۈن ئىچىدە) يەنىلا تۆلەشكە تېگىشلىك ھەرقانداق ھەقنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىڭىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، خۇاۋېي ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتىڭىزنىڭ ئاخىرلىشىشى سەۋەبىدىن بۇ مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمەسلىكىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ.

15 خۇاۋېينىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشى ياكى توختىتىشى

تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئاساسەن بارلىق ياكى قىسمەن زىيارىتىڭىزنى توختىتىشىمىز، چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن ھەمدە ھەرقانداق شەخس ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئالدىدا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن ئامال بار سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالدىن ئۇقتۇرمايمۇ سىزنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى توختىتىشىمىز، چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن:

(a) بۇ كېلىشىمگە، جۈملىدىن ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق پۈتۈم، تۈزۈم ياكى كۆرسەتمىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ياكى خۇاۋېينىڭ سىزنى شۇنداق قىلدى دېيىشكە ئاساسى بولسا؛

(b) سىز ياكى ئىشلىرىڭىزغا ۋەكىل بولالايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئالدامچىلىق قىلسا ياكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، خۇاۋېيغا يالغان ياكى خاتا ئۇچۇرنى تەمىنلىسە؛

(c) ئۈنۈملۈك قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان تەلەپلەرگە ماسلاشقاندا؛

(d) سىستېما ياكى قاتتىق دېتالنى جىددىي ئاسراش ياكى يېڭىلاش ئۈچۈن؛ ياكى

(e) مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تېخنىكىلىق، بىخەتەرلىك ياكى كەسپىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسا.

بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى ئاخىرلاشسا، بۇ كېلىشىمدە ئېنىق ئىزاھلانغان كېلىشىم كۈچىدىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنىلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى ياكى داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولۇش شەرتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم ھېسابلاشقا بولىدىغان ھەرقانداق ھوقۇق-مەنپەئەت ياكى مەجبۇرىيەت ۋە ياكى بۇ كېلىشىم كۈچتىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

بۇ كېلىشىمدە ئېنىق دېيىلگەن ياكى خاراكتېرى بويىچە بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولىدىغان ھەرقانداق ماددا، بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ ماددىدىكى شەرتلەر قاندۇرۇلغۇچە ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرى بويىچە مۇددەت توشقىچە داۋاملىشىدۇ.

16 بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشى

خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ، تۈزىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتكە ئىقتىدار ياكى خۇسۇسىيەت قوشۇشى، ئۆچۈرۈشى، مەلۇم مۇلازىمەتكە يېڭى چەكلىمە قويۇشى، ۋاقىتلىق توختىتىشى ياكى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن؛ خۇاۋېي يەنە مۇشۇ مۇلازىمەتنىڭ يېڭىلىنىشى ئاساسىدا بۇ كېلىشىمگە خالىغان ۋاقىتتا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى مۇمكىن.

يېڭىلانغان كېلىشىم شەرتلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئەسلىدىكى كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بىز بۇ كېلىشىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنىنى دەرھال بەت يۈزىدە ئېلان قىلىمىز. تۈزىتىلگەن كېلىشىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، دەرھال مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىڭ، بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق زىيارەت قىلىشىڭىز ياكى ئىشلىتىشىڭىز تۈزىتىلگەن كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ.

بۇ كېلىشىمنى تۈزىتىش سىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتسە ياكى بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش، ئىشلىتىشىڭىزنى ئېغىر چەكلىسە، ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزگە ئۇقتۇرىمىز. بىخەتەرلىك، قانۇن ۋە نازارەتچىلىك تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتكە تۈزىتىش كىرگۈزسەك، بۇرۇن دېيىلگەن ئالدىن ئۇقتۇرۇش ۋاقتى بويىچە سىزگە ئۇقتۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئامال بار تېز ئۇقتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

17 تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

بۇ كېلىشىمگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. خۇاۋېي بىلەن سىز بۇ كېلىشىمنىڭ جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونىدا ئىمزالىنىدىغانلىقىغا قوشۇلدۇڭلار. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، كېلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالانغان ئورۇندىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ھەل قىلسا بولىدۇ.

18 ئادەتتىكى شەرتلەر

بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۈچىنچى تەرەپ باشقا تور بېكەت ياكى مەنبەلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ خىل تاشقى تور بېكەت ياكى مەنبەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى، بۇ تور بېكەت ياكى مەنبەلەردىكى ياكى ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇن، ئېلان، مەھسۇلات ياكى باشقا ئۇچۇرلارغا ھەرقانداق شەكىلدە ۋەدە بەرمەيدىغانلىقىمىز ياكى مەسئۇل بولمايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىڭ ھەم قوشۇلۇڭ. بۇ خىلدىكى تور بېكەت ياكى مەنبەدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇن، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا تايىنىش سەۋەبىدىن ياكى شۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق زەخىم ياكى زىيانغا نىسبەتەن بىز ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.

بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن خۇاۋېي بىلەن ئاراڭلاردا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى دەپ قارالسا بولمايدۇ. ھېچقايسى تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپ نامىدا ياكى يەنە بىر تەرەپكە ۋاكالىتەن ھەرقانداق مەسئۇلىيەتلىك قەرز ياكى تەننەرخ پەيدا قىلىش ياكى ھەرقانداق توختام ياكى باشقا كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى يوق.

خۇاۋېينىڭ مۇۋاپىق تىزگىنلەش دائىرىسىدىن سىرت ئىشلار خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىم ياكى بۇ مۇلازىمەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماسلىقى ياكى كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، خۇاۋېي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

خۇاۋېي شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى، بالا شىركىتى بۇ كېلىشىمنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ مەنپەئەتدارى، ئۇلار بۇ كېلىشىمدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى بويىچە بۇ كېلىشىمنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدۇ. خۇاۋېي سىزنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىمدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق شەرتنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە سوت ياكى باشقا ھەرقانداق باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئىناۋەتسىز، ئۈنۈمسىز ياكى ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىسا، شۇ شەرت بۇ كېلىشىمدىن ئۆچۈرۈلدى دەپ قارىلىشى كېرەك، باشقا شەرتلەر يەنىلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

19 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

بۇ كېلىشىمگە قارىتا ھەرقانداق پىكرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ: 950800.